ئەردوغان ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار زىيارىتىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1744789
ئەردوغان ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار زىيارىتىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، تېل ئاۋىۋنىڭ پەلەستىن سىياسىتىگە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشىنىڭ تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىدە نورماللىشىشنىڭ يولىنى ئاچىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندىن ئەبۇدەبى تەخت ۋارىسى شاھزادىسىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار مۇھىم كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغاندىن كېيىن: «مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر جەرياننى ئىسرائىلىيە ۋە مىسىر بىلەنمۇ داۋاملاشتۇرۇشقا، باشلاشقا بولامدۇ؟» دەپ سوئال قويۇلدى.

ئەبۇدەبى ھۆكۈمىتى بىلەن مۇشۇنداق بىر تەلەپ – تەكلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىنى؛ ئۇچرىشىشلارنى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاسىتىسى بىلەن قەدەممۇقەدەم ئىشقا ئاشۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «بۇنداق بىر مۇساپە ئىسرائىلىيە بىلەن نېمىشقا باشلانمىسۇن؟ چۈنكى بىز تىنچلىقنىڭ ھۆكۈمران بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈنمۇ بۇنى توغرا، خەيرلىك دەپ قارايمىز. ئۆتمۈشتە مېنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن كۆرۈشۈشلىرىم بولدى. لېكىن ئىسرائىلىيە پەلەستىن سىياسىتىگە تېخىمۇ سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؛ قۇددۇسقا، مەسجىدى ئەقساغا قارىتا سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بىز بۇ يەردىكى سەزگۈرلۈكنى كۆرگەن ھامان قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز ۋە قەدەملىرىمىزنى تاشلايمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش ئەلچىلەرنىڭ ئۆزئارا قايتىدىن تەيىنلىنىشى مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپتە بار – يوقلۇقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بولىدۇ. ئىسرائىلىيە تەرەپ بىزنىڭ نېمىگە سەزگۈر قارايدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ. بىزمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ سەزگۈرلۈكىنى بىلىمىز. شۇڭا، بىز بۇ سەزگۈرلۈكنى ئاساس قىلغان ھالدا مەسىلىنى ھەل قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر