تۈركىيە بەسرەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1744268
تۈركىيە بەسرەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىدە پارتلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان موتسىكلىت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى، ئەنقەرەنىڭ، كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ھۇجۇمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ قەبىھ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالق تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىراق خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز. تۈركىيە، مەنبەسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىدە ئىراق خەلق ۋە ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى ئىزچىل داۋامللاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر