پ ك ك نىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن بىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش گاپ – رىھا ئۆلكىسى مەسئۇلى رۇبار تەخەللۇسلۇق فەرھات تۇنچ بىر تەرەپ قىلىندى.

1743922
پ ك ك نىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن بىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك كۈچلىرى شانلىئۇرفانىڭ ھاجىلار يېزىسىغا بىر تېررورچىنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇم قىلىش قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى؛ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ «تەسلىم بول» دېگەن چاقىرىقىغا ئوق چىقىرىپ ئىنكاس قايتۇرغان تېررورچى نەق مەيداندا ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلدى.

بىر تەرەپ قىلىنغان مەزكۇر تېررورچىنىڭ ئاتالمىش گاپ – رىھا ئۆلكىسى مەسئۇلى رۇبار تەخەللۇسلۇق فەرھات تۇنچ ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. تېررورچى بىلەن بىرلىكتە بىر تاپانچا، ئىككى قول بومبىسى، بىر تېرمال كۆزئەينەك ۋە تەشكىلاتقا تەۋە ھەر خىل ماتېرىياللار قولغا چۈشۈرۈلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر