ئاكار قاتاردا تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار قاتار مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەل ئاتىييە بىيلەن كۆرۈشتى.

1743398
ئاكار قاتاردا تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتار زىيارىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەييارلىقى ئۈچۈن يېتىپ بارغان دوھادا بىر قاتار ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

ئۇ قاتار مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەل ئاتىييە بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ۋە رايون مۇداپىئەسى، خەۋپسىزلىك بىلەن مۇداپىئە سانائىتىدە ئۆزئارا ھەمكارلىق مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشىدە، ھەربىي تەلىم-تەربىيە ساھەسىدە ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى ئاشۇرۇشقا نىسبەتەن قەتئىي ئىرادە تەكىتلەندى.

ھۇلۇسى ئاكار قاتاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىمۇ زىيارەت قىلدى.

ئۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈرك ئىتتىپاقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭلاردىن خۇشالمىز ۋە ئۆزىمىزنى شەرەپلىك ھېس قىلىمىز. پائالىيەتلىرىڭلارنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ ئوخشاش ئەستايىدىللىق، سەمىمىيلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەت بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

ئۇ بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ھەم قاتار ھەمدە تۈركىيەدە بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرلارنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «قاتار بىلەن بۇ يەردە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىز ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە قارشى ئەمەس. دۆلەتلىرىمىزنى، خەلقلىرىمىزنى قوغداش ۋە مۇداپىئە كۈچىمىزنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىش ئۈچۈندۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر