ئەردوغان بۈگۈن قاتاردا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن (2021-يىلى 6-دېكابىر) رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن قاتارغا يېتىپ بارىدۇ.

1743335
ئەردوغان بۈگۈن قاتاردا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت دوھادا قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھەمماد ئەل سانى تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ.

ئىككى رەھبەر مۇراسىمدىن كېيىن، ئايرىم كۆرۈشىدۇ. تۈركىيە-قاتار مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئۇچرىشىشتا، ئافغانىستان، سۈرىيە ۋە لىۋىيە مەسىلىسى قاتارلىق رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قاتار زىيارىتى جەريانىدا، مەۋجۇت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان قەدەملەرمۇ تاشلىنىدۇ.

بۇ دائىرىدە، تۈركىيە-قاتار يۇقىرى ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتى يىغىنىنىڭ 7 - نۆۋەتلىكى چاقىرىلىدۇ.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2015 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن كومىتېت يىغىنلىرى نەتىجىسىدە، سودىدىن ئېنېرگىيەگىچە، مۇداپىئەدىن سانائەتكىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە 62 كېلىشىم ئىمزالانغان ئىدى.

ئەردوغان ۋە ئەل سانىنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى 7 – نۆۋەتلىك يىغىندا، ھەر تۈرلۈك كېلىشىملەر ئىمزالىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر