تۈركىيە نىگېرنىڭ مالى چېگراسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نىگېرنىڭ مالى چېگراسىدىكى «G5 بىرلەشمە ساھىل كۈچى» بازىسىغا قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، نىگېرنىڭ تېرا-تىللابېرى رايونىدىكى «G5 بىرلەشمە ساھىل كۈچى» بازىسىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 29 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇلۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا: «بۇ خائىنلارچە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە، دوست ۋە قېرىنداش نىگېر خەلقى ھەمدە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.
نىگېر تاراتقۇلىرى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 5-دېكابىر) «G5 بىرلەشمە ساھىل كۈچى» بازىسىشد كىملىكى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
دەسلەپكى مەلۇماتلاردا قەيت قىلىنىشىچە، ھۇجۇمدا 29 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان. چىققان ئېتىشىشلاردا، 79 تېررورىست ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.