ئەردوغان: تۈركىيە ئاياللىرى سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ياۋروپادىن بۇۇرن ئېرىشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا (1919-1922) داستان يازغان ئاياللارغا نۇرغۇنلىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئىلگىرى سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1743137
ئەردوغان: تۈركىيە ئاياللىرى سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ياۋروپادىن بۇۇرن ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك ئاياللىرىنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 87 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سىنلىق ئتەبرىكنامە ئېلان قىلدى.

ئەردوغان، «ئاياللىرىمىزنىڭ بۇ ھوقۇققا ياۋروپادىكى ئاياللاردىن بۇرۇن ئېرىشكەنلىكى، مىللىتىمىزنىڭ ئاياللارغا بولغان كۆز قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ 1934-يىلى ئاياللارغا سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى بېرىش ئارقىلىق ئۇلۇغ نىشاننى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە يېقىنقى 19 يىللىق ھۆكىمىيەت دەۋرىدە ئاياللارنىڭ بۇ ھەق - ھوقۇقلارنى تېخىمۇ ئەركىن ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان ھەق-ھوقۇق ۋە ئادالەت كۈرىشىدە ئۆزىنىڭ داۋاملىق ئاياللارنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر