تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 228 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 228 كىشىىگە يەتتى.

1743025
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 228 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر كۈن ئىچىدە 353 مىڭ 35 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 20 مىڭ 374 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.  

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقايغانلارنىڭ سانى 19 مىڭ 463 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 120 مىليون 857 مىڭ 540 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر