سۈرىيەدە بەش تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بەش تېررورچىسى بىر تەرەپ قىلىندى.
1742927
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، قەھرىمان كوماندىر جەڭچىلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان تېررورچىلارغا قايتۇرما زەربە بەرگەن قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز رايونىدا يەنە پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى بەش تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.