قالىن: خەلقئارا جەمئىيەت كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
1742921
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن خەلقئارا سىياسىي تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا رىمدا چاقىرىلغان 7 – نۆۋەتلىك ئاقدېڭىز دىيالوگ مۇنبىرىنىڭ «ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقادا كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئامېرىكا مەۋجۇتلۇقىنىڭ كەلگۈسى» تېمىلىق يىغىنىغا ئىشتىراپ قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.