مەھسۇلاتلارغا «Made in Türkiye» ئىبارىسىنىڭ يېزىلىشى توغرىسىدا ھۆججەت چۈشۈرۈلدى
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى، ھەر خىل پائالىيەت ۋە خەت – چەكلەردە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان « Made in Turkey » ئىبارىسىنىڭ ئورنىغا «Made in Türkiye » دېگەن ئىبارىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدىكى قارارى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلدى.
1742860
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىمزالىق ئۇقتۇرۇش ھۆججىتىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق دۆلەت ئەنئەنىسىگە ئاساسەن، قەدىم تۈرك مىللىتىگە يارىشىدىغان شەكىلدە سۈپەتلىك ۋە قىممەتلىك خىزمەتلەرنى روياپقا چىقارغانلىقى، خەلقنىڭ ئۇنى مەدەنىيەت ۋە قىممەت قارىشىنى قوغداشنى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقى بايان قىلىندى.