لىۋىيە بىرلەشمە ھەربىي كومىتېتى ئەنقەرەدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

لىۋىيەدىكى 5 +5 بىرلەشمە ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پايتەخت ئەنقەرەدە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلدى.

1742874
لىۋىيە بىرلەشمە ھەربىي كومىتېتى ئەنقەرەدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ئۆمىكى ۋاسىتىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا،  2021- يىلى 10- ئاينىڭ 8- كۈنى جەنۋەدە لىۋىيە 5 +5 بىرلەشمە ھەربىي كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ھەرىكەت پىلانى» ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى، ھەمدە لىۋىيەنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يىغىندا، تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي مۇناسىۋەت ۋە قويۇق دوستلۇق ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تىنچ، خاتىرجەم ياشايدىغان بىر لىۋىيەنىڭ شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشىدىغان خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر