جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كەرەم قېنېق ۋە جاگان چاپاگېيننى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىزىلئاي جەمئىيىتى باشلىقى كەرەم قېنىق ۋە خەلقئارا قىزىل ھىلال ئاي-قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى باش كاتىپى جاگان چاپاگېيننى قوبۇل قىلدى.

1742842
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كەرەم قېنېق ۋە جاگان چاپاگېيننى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇلدىكى خالىچ قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن قوبۇل قىلىش يىغىنىدا، مۇساپىرلارغا، بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە قوشنا دۆلەتلەردىكى سۈرىيەلىكلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش پائالىيىتى ۋە ئىستانبۇلنىڭ ئىنسانپەرۋەر ياردەم دۇنياسىنىڭ ئارقا سەپ بازىسى بولۇشى يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىكلەرگە قارىتا ئىشلەۋاتقان ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دۆلەتلىرىگە قايتىش خىزمەتلىرىگە  خەلقئارا قىزىل ھىلال ئاي-قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى ۋە خەلقئارا جامەئىيەتنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

قىزىل ئاي جەمئىيىتى باشلىقى قېنېق ۋە خەلقئارا قىزىل ھىلال ئاي-قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى باش كاتىپى چاپاگېينمۇ پۇرسەتلا تاپسا مۇساپىرلارنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر