ئاغرى، ئەرزۇرۇم ۋە كارس ۋىلايەتلىرىدە «ئەرەن قىش-10» ھەرىكەتلىرى باشلاندى

ئاغرى، ئەرزۇرۇم ۋە كارس ۋىلايەتلىرىدە، «ئەرەن قىش-10، چەچمە-مادۇر شېھىت ژاندارما يۈزباشى فارھات چىفىتچى» ھەرىكىتى باشلاندى.

1742419
ئاغرى، ئەرزۇرۇم ۋە كارس ۋىلايەتلىرىدە «ئەرەن قىش-10» ھەرىكەتلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاغرى، ئەرزۇرۇم ۋە كارس ۋىلايەتلىرىدە،  «ئەرەن قىش-10» ھەرىكىتى باشلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەت كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىش ۋە تېررورىستلارنى مۆكۈنگەن جايلىرىدا  يوقىتىش مەقسىتىدە، ئاغرى، ئەرزۇرۇم ۋە كارس ۋىلايەتلىرىدە باشلانغان ھەرىكەتلەردە، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئەترەتلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 790 خادىمنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«مەملىكەت ئىچىدە تېررورلۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىش مەقسىتىدە باشلانغان ئەرەن قىش ھەرىكەتلىرى، خەلقىمىزنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئاستىدا يۈكسەك ئىشەنچ ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر