ئالتۇن: تۈركىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىمىزغا يېتىش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئېكسپورتنىڭ بۇ يىل نويابىر ئېيىدا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 33.4 ئېشىپ، 21.5 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1742216
ئالتۇن: تۈركىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىمىزغا يېتىش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئېكسپورتتا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ زور ئايلىق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ««بىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بايقىغان تەبىئىي گاز زاپىسىنىمۇ چىقىرىشقا باشلىغىنىمىزدا، ئېنېرگىيە  ئۈچۈن تاشقى پېرېۋوتنىڭ سىرتقا چىقىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ، بۇ بولسا خەلقىمىزگە سېتىۋېلىش كۈچى ۋە پاراۋانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بىز  جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىمىزغا يېتىش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر