شەنتوپ تۈركىيەنىڭ پولشا بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ پولشا بىلەن ھەر ساھە بويىچە ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1741934
شەنتوپ تۈركىيەنىڭ پولشا بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستافا شەنتوپ پولشادىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 1-نويابىر) كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى توماسز گرودزكى (Tomasz Grodzki) بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ كۆرۈشۈشتە، دوست ۋە ئىتتىپاقداش پولشانى زىيارەت قىلغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە بىلەن پولشا ئالتە ئەسىردىن ئارتۇق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە ئىككى دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر ۋە ئۈلگىلىك ئۆزئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىمىز بار. تارىختا مۇناسىۋەتلىرى بۇنچىلىك ئۇزۇن ۋە زىچ بولغان كۆپ دۆلەت يوق» دېدى.

ئۇ 2009-يىلى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىجابىي ئىلگىرىلىشى ۋە يېقىنقى مەزگىللەردە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇچرىشىشلار سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىنىڭ كىشىنى مەمنۇن قىلدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«پولشا بىلەن ھەر ساھە بويىچە ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز.»

ئۇ پولشانىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.

پولشا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى توماسز گرودزكى تۈركىيە بىلەن پولشا ئوتتۇرىسىدا ھەر ساھە بويىچە مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنىڭ بارلىقىنى، تۈركىيەنىڭ پولشالىقلار ساياھەت قىلىشتا بىرىنچى بولۇپ  تاللايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇستافا شەنتوپ ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ھەيئەت ۋاراشاۋا پىلسۇدكى (Pilsudski) مەيدانىدىكى نامسىز ئەسكەرلەر خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى. مۇستافا شەنتوپ بۇ يەردىكى خاتىرە دەپتىرىگە بېغىشلىما يازدى ۋە خاتىرە مۇنارى توغرىسىدا مەلۇمات ئالدى.

مۇستافا شەنتوپ ۋە ھەيئەت ۋاراشاۋا خان سارىيىنىمۇ زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر