تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 207 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 207 كىشىىگە يەتتى.

1741133
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 207 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 359 مىڭ 420 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 25 مىڭ 216 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 24 مىڭ 498 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 120 مىليون 307 مىڭ 20 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر