چاۋۇشئوغلۇ لاتۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈچۈن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان لاتۋىيەدە ساھىبخان دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېدگارس رىنكېۋىچ بىلەن كۆرۈشتى.

1741381
چاۋۇشئوغلۇ لاتۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ بىلەن رىنكېۋىچ، پايتەخت رىگادا داۋاملىشىۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ  ئىككىنچى كۈنىدىكى ئولتۇرۇشلىرى ئەسناسىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، لاتۋىيە بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىمىزنىڭ قەتئىيلىكىنى قايتا تەكىتلىدۇق.»

چاۋۇشئوغلۇ، ئىلگىرىمۇ گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، گوللاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى كناپېن بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا – ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز تراس بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولغان چاۋۇشئوغلۇ، ئۇچرىشىشتا، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش، تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلغانىدى.

 چاۋۇشئوغلۇنىڭ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر