چاۋۇشئوغلۇ گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ لاتۋىيەنىڭ پايتەختى رىگادا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى ئولتۇرۇشىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

1741166
چاۋۇشئوغلۇ گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئالدى بىلەن، گوللاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بېن كناپېن بىلەن كۆرۈشتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، گوللاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى كناپېن بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا – ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز تراس بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولغان چاۋۇشئوغلۇ، ئۇچرىشىشتا، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش، تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

 چاۋۇشئوغلۇنىڭ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر