سۇلايمان سويلۇ لىۋان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بەسام مەۋلەۋى بىلەن كۆرۈشتى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ لىۋانلىق مەنسەپدىشى بەسام مەۋلەۋى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1740623
سۇلايمان سويلۇ لىۋان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بەسام مەۋلەۋى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۇلايمان سويلۇ بىلەن مەۋلەۋىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش تىرىشچانلىقىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.

سۇلايمان سويلۇ تۈركىيەنىڭ لىۋان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى ئىچكى بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە باشقا بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ بېيرۇتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى لىۋانغا قىلىنىدىغان ياردەم دائىرىسىدە 5-نويابىردا لىۋان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك قىسمىغا 3000 يېمەكلىك پوسۇلكىسى ئىئانە قىلغان ئىدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى شاقچى ئىدارىسى 10 - سىنتەبىردە لىۋان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئىچكى بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ باش مۇدىرلىقىغا خۇسۇسىي قوغدىنىش ئۈسكۈنىلىرى ياردەم قىلغان ئىدى

لىۋان ئىقتىسادى ئوخشىمىغان دىن ۋە مەزھەپلەر ئاساسىدىكى سىياسىي بۆلۈنۈش جەھەتتىن ئىنتايىن نازۇك قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ،  1975-يىلىدىن 1990 – يىللىرىغىچە يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشتىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كرىزىسنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

تۈركىيە 2020-يىلى 4- ئاۋغۇستتا بېيرۇت پورتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش تۈپەيلى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان لىۋانغا تۈرلۈك ياردەملەردە بولۇشنى  داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر