ئەردوغان: مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە رېكورت ياراتتۇق

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىزمىرنىڭ مەنەمەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «توسۇقلارنى بىرلىكتە يەڭدۇق - ئىزمىر ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى جەريانىدىكى كۆرۈنۈشلىرى ئورتاقلىشىلدى.

1739986
ئەردوغان: مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە رېكورت ياراتتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزلىرىنىڭ (19 يىللىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەزگىلىدە) ھازىرغىچە 62 مىڭ 337 مېيىپنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ساھەدە رېكورت ياراتقانلىقىنى، ھەمدە بۇ ساننىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىزمىرنىڭ مەنەمەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «توسۇقلارنى بىرلىكتە يەڭدۇق - ئىزمىر ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى جەريانىدىكى كۆرۈنۈشلىرى ئورتاقلىشىلدى.

ئۆزىنىڭ تەنتەربىيە، سەنئەت، مائارىپ ۋە سودا ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرى يازغان مېيىپلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن تولىمۇ خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، بۇ ئەھمىيەتلىك يىغىلىشقا ئىشتىراك قىلغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ھازىرغا قەدەر 62 مىڭ 337 مېيىپنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ساھەدە رېكورت ياراتتۇق. نۆۋەتتە، مېيىپلارنىڭ ئومۇمىي ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىكى نىسبىتى %2 كە يېقىنلاشتى. ئىشىنىمەنكى، بۇ سان ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. سىلەر توسۇقلارنى يېڭىشنىڭ ھەممىدىن ئاۋۋال بىر ئىشەنچ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ھەر كۈنى ئىسپاتلاۋاتىسىلەر، بىز سىلەرنىڭ تەنتەربىيە، سەنئەت، سودا ھاياتى، سىياسەت، مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭلاردىن پەخىرلىنىمىز. بىز مېيىپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشتىكى بارلىق ساھەلەرگە ھېچقانداق توسالغۇسىز ھالەتتە ئىشتىراك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. مەكتەپلىرىمىز، شەھەرلىرىمىز ۋە كوچىلىرىمىزنى قايتا بەرپا قىلىش ئارقىلىق مېيىپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالدىمىزدىكى توسۇقلارنى بىر - بىرلەپ يوقىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر