تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 213 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 213 كىشىىگە يەتتى

1739962
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 213 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 350 مىڭ 385 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 21 مىڭ 655 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 20 مىڭ 7 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 120 مىليون 114 مىڭ 498 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر