تۈركىيە قىرغىزىستاندىكى سايلامنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1739946
تۈركىيە قىرغىزىستاندىكى سايلامنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «2021- يىلى 11- ئاينىڭ 28-كۈنى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەم ھالەتتە ئاخىرلاشقانلىقىدىن خۇشاللاندۇق. بىز ئۇزۇنغا سوزۇلغان چوڭقۇر تارىخىي رىشتىمىز بولغان قىرغىزىستاننىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز. پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنىڭ دوست ۋە قېرىنداش قىرغىزىستان خەلقىگە خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر