شەنتوپ پارلامېنت دىپلوماتىيەسى ۋە ھەمكارلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
مۇستافا شەنتوپ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) نىڭ يامىرىشى بىلەن بىرلىكتە ئېغىرلاشقان ئادالەتسىزلىكلەر، ئايرىمىچىلىقلار ۋە ئۆزگەرگەن كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىدىن بېسىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، پارلامېنت دىپلوماتىيەسى ۋە ھەمكارلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنتلار ئارا ئىتتىپاق 143-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى رامكىسىدا 120 ئەزاغا ئىگە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى پارلامېنتلار تورى يىغىنىدا سۆز قىلدى.
ئۇ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىق تەڭپۇڭلۇقلارنى ئادالەتكە يۈزلەندۈرۈش، تىنچلىق، باراۋەرلىك، ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە بەخت-سائادەتكە تولغان دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشتا مۇھىم يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنياغا ياخشى تونىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ: «خەلقئارا سەھنىلەردە ئوخشىمىغان ھەر خىل ئاۋازلارنىڭ بولۇشىغا، بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياجلىق بولغان مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. ئاچارچىلىق، كەمبەغەللىك، ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر ۋە قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىگە ئوخشاش دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىلەرگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىلىرى تېپىش، پەقەت ئوچۇق-ئاشكارا تالاش-تارتىش قىلىش ۋە مۇرەسسە بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ» دېدى.
ئۇ ۋابانىڭ تارقىلىشىنىڭ ئادالەتسىزلىكلەرنى ئالدىغا چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ۋاكسىنا ۋە تىببىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىدىن ئايرىمىچىلىق قىلىش ۋە بىر تەرەپكە يانبېسىشلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ياكى تەرەققىي قىلالمىغان دۆلەتلەر ئاساسىي داۋالاش ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەشتە قىينالدى. بۇ جەھەتتە ئىپتىخارلىق بىلەن ئېيتىمەنكى، تۈركىيە ئۆزىگە كەلگەن ھەر خىل تىببىي ياردەم تەلىپىگە جاۋاب قايتۇردى ۋە پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرىنى سەمىمىي ھالدا بارلىق ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە كەلتۈردى» دېدى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ ۋاباغا قارشى كۈرەشتە ياردەم تەلەپ قىلغان ھەر دۆلەتكە ياردەم قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى، ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغان تۈرك ۋاكسىناسىنى نورمال ئىشلەپچىقىرىش باشلانغاندا ئېھتىياجلىق دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۇ ھازىرغىچە سەۋەبى بىلىنمىگەن ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە ۋابانىڭ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، تەڭپۇڭلۇقلار ۋە ئىتتىپاقلارنى تەۋرەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «كىلىمات كىرىزىسى ۋە قۇرغاقچىلىققا ئوخشاش تەھدىتلەرنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە يۈز بەرگەن مەسىلىلەرگە قوشۇمچە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە يېمەك-ئىچمەك قىيىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى كۈچلۈك. بۇ ئەھۋال دۇنيادىكى باراۋەرسىزلىكلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇساپىرلار بىلەن كۆچ دولقۇنىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.