ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسى بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسى بىلەن كۆرۈشتى.
1739701
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ECO) نىڭ 15- نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركمەنىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئۇچرىشىشلارنى باشلىدى.
ئەردوغان باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن قاراقۇم مېھمانخانىسىدا ئىران پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى.
ئاخباراتقا يېپىق ھالدا يېرىم سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا، ئۆزئارا مۇناسىۋەت ۋە رايون مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.