سۈرىيەنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1739567
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورىزم ۋە تېررورچىلارغا ھېچقانداق چىقىش يولى يوقتۇر، ھۇزۇر ۋە ئامانلىق مۇھىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش ھەم ئوغرىلىقچە سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 4 تېررورچى، قەھرىمان كوماندىر – جەڭچىلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر