مىنىستىر كوجا: 5 ئافرىقا دۆلىتىگە ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلىدۇ
سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا نۇ ۋارىيانتى سەۋەبىدىن بوتسۋانا، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، موزامبىك، نامبىيە ۋە زىمبابۋېدىن تۈركىيەگە ساياھەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1739481
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر كوجا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىنىڭ نۇ ۋارىيانتى سەۋەبىدىن، بوتسۋانا، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، موزامبىك، نامبىيە ۋە زىمبابۋېدىن دۆلىتىمىزگە قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ۋە تۆمۈر يولى ئارقىلىق ساياھەت قىلىنىشىغا بۈگۈن كېچىدىن ئېتىبارەن رۇخسەت قىلىنمايدۇ.»