جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركمەنىستانغا يۈرۈپ كەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركمەنىستانغا يۈرۈپ كەتتى.

1739510
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركمەنىستانغا يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدىن «TRK» تىپلىق مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخابادقا قاراپ يولغا چىقتى.

ئەردوغان، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدىن كېيىن، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەمەدوۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە  28 – نويابىر كۈنى چاقىرىلىدىغان «كېلەچەككە بىرلىكتە قەدەم تاشلاش» تېمىلىق  15 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەمەدوۋغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، ئىشتىراكچى بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشىمۇ كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر