جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركمەنىستاندا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «TRK» تىپلىق مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغان تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخابادقا يېتىپ باردى.

1739590
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركمەنىستاندا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاشخاباد خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا، تۈركمەنىستان مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چارى قىلىچوۋ، تۈركىيەنىڭ ئاشخاباد باش ئەلچىسى توگان ئورال ۋە ئەلچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

ئەردوغان، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدىن كېيىن، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەمەدوۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە  28 – نويابىر كۈنى چاقىرىلىدىغان «كېلەچەككە بىرلىكتە قەدەم تاشلاش» تېمىلىق  15 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەمەدوۋغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، ئىشتىراكچى بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشىمۇ كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر