چاۋۇشئوغلۇ: ئاسىيا ئەڭ چوڭ ئىستېمال بازىرى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈۋاتىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئاسىيانىڭ  پەقەت ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى سۈپىتىدىلا ئەمەس، يەنە ئەڭ چوڭ ئىستېمال بازىرى سۈپىتىدىمۇ قەد كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1739561
چاۋۇشئوغلۇ: ئاسىيا ئەڭ چوڭ ئىستېمال بازىرى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخابادتا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، يەرشارىۋى تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاسىيا  پەقەت ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى سۈپىتىدىلا ئەمەس، يەنە ئەڭ چوڭ ئىستېمال بازىرى سۈپىتىدىمۇ قەد كۆتۈرمەكتە، بۇ ئەھۋال ھەممىمىز ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەتلەرنى سۇنماقتا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ياۋروپا قىتئەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق كۆۋرۈكى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، شۇ ۋەجىدىن،  قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتى كارىدورلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم، بىز رايون سودىسى ۋە ئالاقىنى ياخشىلىيالىغاندىلا ،  ئاندىن يەر شارىۋى سودىدىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن.»

ئاشخاباد  باشلىقلار يىغىنىنىڭ 28 – نويابىر كۈنى چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ««بۇنىڭدىن 29 يىل ئىلگىرى 28 – نويابىر كۈنى 7 يېڭى ئەزانى كۈتۈۋالغانىدۇق، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بىر گەۋدىلەشتۇق، بىز قوبۇل قىلىدىغان ھۆججەتلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىمىزنى كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر