بەردىمۇھەمەدوۋ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ئوغۇزخان سارىيىدا قارشى ئالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان تۈركمەنىستاندا پىرېزىدېنت گۇربانگۇلى بەردىمۇھەمەدوۋ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

1739616
بەردىمۇھەمەدوۋ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ئوغۇزخان سارىيىدا قارشى ئالدى
erdoğan berdimuhamedov2.jpg
erdoğan berdimuhammedov1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخابادتىكى ئوغۇزخان سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، ئەردوغان بىلەن بەردىمۇھەمەدوۋ، ھەيئەتلىرىنى بىر - بىرىگە تونۇشتۇردى.

ئىككى رەھبەر، مۇراسىمدىن كېيىن ئايرىم كۆرۈشتى، ئاندىن ئۇچرىشىشلار  ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئەردوغان بىلەن بەردىمۇھەمەدوۋ، ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن تۈرلۈك كېلىشىملەرنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئارقدىن  قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ئاتا يۇرتىمىز تۈركمەنىستانغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىكم ھېس قىلىۋاتىمەن، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 30 – يىللىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن، قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىمىز دائىرىسىدە تۈركمەنىستاننى ۋە تۈركمەنىستاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مۇستەقىللىق سالاھىيىتىنى قوللاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بىز بۈگۈن ئىمزالىغان كېلىشىملەر بىلەن بىرلىكتە، قېرىنداش تۈركمەنىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدۇق، سودا ئومۇمىي سوممىمىزنى 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركمەنىستان زىيارىتىنىڭ 2 – كۈنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە قۇرغۈچى ئەزا دۆلەت بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر