ئەردوغان: بىزنىڭ نىشانىمىز، كىشىلىرىمىزنىڭ ئىشىغا، نېنىغا ۋە كېلەچىكىگە ئىگە چىقىش

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىزنىڭ بىردىنبىر نىشانىمىز، كىشىلىرىمىزنىڭ ئىشىغا، نېنىغا ۋە كېلەچىكىگە ئىگە چىقىشتۇر» دېدى.

1739422
ئەردوغان: بىزنىڭ نىشانىمىز، كىشىلىرىمىزنىڭ ئىشىغا، نېنىغا ۋە كېلەچىكىگە ئىگە چىقىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىزنىڭ بىردىنبىر نىشانىمىز، كىشىلىرىمىزنىڭ ئىشىغا، نېنىغا ۋە كېلەچىكىگە ئىگە چىقىشتۇر» دېدى.

ئۇ ئىزمىردە «ئالسانجاق تەنتەربىيە مەيدانى بىلەن 96 تەسىسنىڭ كوللېكتىپ ئېچىلىش مۇراسىمى» غا قاتناشتى.

ئۇ: «دۆلىتىمىزنىڭ ئېكسپورتىنى 216 مىليارد دوللارغا چىقاردۇق. ھەر ساھە بويىچە دۆلىتىمىزنى جۇمھۇرىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە چىقاردۇق. مۇداپىئە سانائىتىدە %80 كە چىقتۇق. خەلقىمگە ئىشىنىمەن. تۈركىيە تەرەققىي قىلىدۇ، باي بولىدۇ. 19 يىلدىن بۇيان بۇ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىمىزنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمىز. ئەمدى دۆلىتىمىزنىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي كېسەللىرىنى ئازايتىش ئەمەس، داۋالاش باسقۇچىغا ئۆتتۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر