كىلىستە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە چېگراسىدىن سۈرىيەگە قانۇنسىز يوللار بىلەن ئۆتمەكچى بولغان كىشىلەرنى توسۇش جەريانىدا، چېگرا قوغداش قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1739098
كىلىستە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كىلىستە قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيە چېگراسىدىن سۈرىيەگە ئۆتمەكچى بولغان كىشىلەرنى توسۇش جەريانىدا، چېگرا قوغداش قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار شېھىت ئەسكەر توغرىسىدا تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

ئۇ تېلېگراممىسىدا: «قەھرىمان ئەسكىرىمىز 2021-يىلى 26-نويابىر شېھىت بولدى. قەھرىمان شېھىتىمىزغا شەخسىي نامىم ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى نامىدىن ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن، ئائىلىسىگە ۋە خەلقىمگە سەۋر تىلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر