تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 175 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قاا قىلغانلارنىڭ سانى 175 كىشىىگە يەتتى

1738414
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 175 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 364 مىڭ 351 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 27 مىڭ 592 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 28 مىڭ 285 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 119 مىليون 730 مىڭ 97 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر