تۈركىيە-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋەتلىرى رايون تىنچلىقى ئۈچۈن مۇھىم

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە رايونلۇق ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىش قارارلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1738479
تۈركىيە-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋەتلىرى رايون تىنچلىقى ئۈچۈن مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  فاھرەتتىن ئالتۇن تۋىتتېر ئادرېسىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەبۇ زابى ۋەلىئەھدى شاھزادىسى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئالناھياننىڭ كۆرشۈشى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ: «بۇ زىيارەت دۆلىتىمىزنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقنى ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى ئىسپاتلىغان مۇھىم زىيارەت بولدى. سودا، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت ساھەلىرىدە ئىمزالانغان كېلىشىملەر ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىدۇ» دېدى.

ئۇ كېلىشىملەرنىڭ كۆپ ئېھتىياجلىق بولغان ھەمكارلىق ئورنىتىش نىشانىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە رايوندا مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئۈچۈن ھەر دائىم مۇھىم كۈچ بولىدۇ. خۇسۇسىي شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەردىن باشقا، ئاكسىيە بازارلىرى ۋە پورتلىرىمىزغا مەبلەغ سېلىش كېلىشىملىرىمۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىدۇ. ئالدىمىزدىكى يىللاردا سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مۇھىم ئىشلىرىمىزنىڭ بىرى بولىدۇ. تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە رايونلۇق ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىش ئىرادىسى قەتئىي. بۇنىڭ تۈركىيە-پارس قولتۇقى مۇناسىۋەتلىرىدە رايونلۇق مۇقىملىق نۇقتىسىدىن يېڭى دەۋرنىڭ باشلانغۇچى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر