فايزېر شىركىتىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى ئوغرىلاندى

ئامېرىكا دورا شىركىتى فايزېر خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن بىر كىشىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) ۋاكسىناسى ۋە باشقا دورىلارغا مۇناسىۋەتلىك سودا سىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەخپىي ھۆججەتلەرنى سېتىش ۋە يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

1738575
فايزېر شىركىتىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى ئوغرىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  گېرمانىيەنىڭ بىيونتېك شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان فايزېر شىركىتى، نۇرغۇن مەخپىي ھۆججەتنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن بىر كىشى تەرىپىدىن ئوغرىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«Russian Today» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، شىركەتتىن ئايرىلغان چۈن شياۋلى گوگۇل جرىياۋ (Google Drive) ئادرېسىغا، فايزېر ھۆججەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 مىڭ ھۆججەتنى يۈكلىگەن ۋە ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىلىرىدا بۇ ھۆججەتلەرنى خۇسۇسىي كومپيۇتېرىغا كۆچۈرگەن.

فايزېر شىركىتىنىڭ باياناتىدا، لى فامىلىلىكتا قولغا چۈشۈرگەن نۇرغۇن ھۆججەتلەرنىڭ بارلىقىنى، ئەمما فايزېرنىڭ لى فامىلىلىك ئىگە بولغان سودا سىرلىرى ۋە مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ تولۇق دائىرىسىنى ھازىرغىچە بىلەلمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

فايزېر شىركىتى يەنە، لى فامىلىلىكنىڭ كىملىكى نامەلۇم بەش جىنايەت شېرىكى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ھەتتا شىركەتنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئالداش ئۈچۈن، بىر ساختا خاتىرە كومپيۇتېر ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فايزېر شىركىتى ھۆججەتلەرنىڭ ئوغرىلانغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن، لى فامىلىلىكنىڭ ئېلىخەتلىرى، ھۆججەتلىرى ۋە شىركەت تەرىپىدىن بېرىلگەن خاتىرە كومپيۇتېرىدىكى تور بەت زىيارەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى؛ ئۇنىڭ رەقىپ دورا شىركىتى  «Xencor» بىلەن سودا قىلىش ئۈچۈن كۆرۈشكەنلىكىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر