ئابۇ زابى ۋەلىئەھدى شاھزادىسى ئەنقەرە زىيارىتىنى باشلىدى

ئابۇ زابى ۋەلىئەھدى شاھزادىسى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ناھيان جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

1738156
ئابۇ زابى ۋەلىئەھدى شاھزادىسى ئەنقەرە زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابۇ زابى ۋەلىئەھدى شاھزادىسى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئالناھيان ئەنقەرە ئەسەبوغا ئايرودۇرۇمىدا سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

بىن زايىد ئالناھيان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىن زايىد ئالناھيان ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈشتىن كېيىن، كېلىشىملەرگە ئىمزا قويىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۆرۈشۈشلەردە تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بارلىق تەرەپلىرى بىلەن تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بېسىلىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

كۆرۈشۈشلەردە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

بىن زايىد ئالناھياننىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىىدا سودا، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت ساھەلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىدىغان كېلىشىملەردىن باشقا، تۈركىيەگە بىۋاستە سېلىنىدىغان مەبلەغلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىملەرمۇ ئىمزالىنىدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى سانائەت ۋە يۇقىرى تېخنولوگىيە مىنىستىرى سۇلتان ئەلجەبىر بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئاىساسىي مەقسىتىنىڭ، سودا-سانائەت ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىپ، داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك سېلىنمىلار يولى بىلەن ئىقتىسادىي قىممەتلەرنى يارىتىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيە بىلەن ئېنېرگىيە، سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، قاتناش-تىرانسىپورت، ئۇل-ئەسلىھە، پۇل-مۇئامىلە ۋە ساياھەتچىلىكتىن باشقا، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە، سۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىقلارنى ئالغا سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىقلار ئۈچۈن يېڭى نىشانلارنى بەلگىلەشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر