ئەردوغان: مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلمەيدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سايلامنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمەس، ئۆز ۋاقتىدا يەنى 2023 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1737599
ئەردوغان: مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەت مەسئۇللىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ – ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىغا ئالاقىدار تالاش – تارتىشلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بەزىلەر تېخىچە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقى ھەققىدە تالاش – تارتىش قىلىۋاتىدۇ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، سايلام ئۆز ۋاقتىدا، يەنى 2023 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، 2023 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا ھەم جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى قازىنىدۇ، ھەمدە جۇمھۇر ئىتتىپاقى (ئاق پارتىيە بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ) پارلامېنتتا كۆپ سانلىقنى شەكىللەندۈرۈپ، رېكورتنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر