ئەردوغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى يىغىنىغا سىنلىق تېلېگرامما يوللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا سىنلىق تېلېگرامما يوللىدى.

1737444
ئەردوغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى يىغىنىغا سىنلىق تېلېگرامما يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، سىنلىق تېلېگراممىسىدا، قاچقۇن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىدە باشقا دۆلەتلەردىن كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ 89 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى، ئىستانبۇلدا باشلاندى.

خەلىج يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇمۇ ئىشتىراك قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، يىغىنغا يوللىغان سىنلىق تېلېگراممىسىدا، مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ قاچقۇن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىدە باشقا دۆلەتلەردىن كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، (2016 – يىلى 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسى ئارقىلىق )دېموكراتىيەگە قەست قىلغان، ئەر - ئايال، نارىسىدە بالا، قېرى – ياش ۋە دۆلەت خادىمى دېمەستىن مەسۇم ئىنسانلارنى قەتل قىلغان تېررورچىلارنىڭ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئەركىن – ئازادە ئايلىنىپ يۈرۈشلىرىگە يول قويۇلماسلىقى لازىم.»

ئىگىلىنىشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىلقى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا، مىنىستىر، مۇئاۋىن مىنىستىر، مەسلىھەتچى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىلى دەرىجىلىك بولۇپ، جەمئىي 160 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن ۋەكىل قاتناشماقتا ئىكەن.

ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى، مۇئاۋىن رەھبەرلىرى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ئارقىلىق بېكىتىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر