تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 195 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 195 كىشىىگە يەتتى.

1736729
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 195 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 350 مىڭ 163 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 21 مىڭ 107 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 34 مىڭ 290 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 119 مىليون 327 مىڭ 719 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر