فۇئات ئوكتاي «دۇنيا بالىلار ھوقۇقى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي «20 - نويابىر دۇنيا بالىلار ھوقۇقى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

1736485
فۇئات ئوكتاي «دۇنيا بالىلار ھوقۇقى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «ئۆيلىرىمىز ۋە كوچىلىرىمىزنىڭ خۇشال سايرىشى بولغان پەرزەنتلىرىمىز، ئەتىلىرىمىزنىڭ ئالتۇن بېلىتىدۇر. بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز پەرزەنتلىرىمىزنى قوغداش ۋە ئۇلارنى ئەڭ ياخشى شارائىتتا ياشىتىشتۇر. ئەمگىكىمىز ۋە تىرىشچانلىقىمىز ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. 20-نويابىر دۇنيا بالىلار ھوقۇقى كۈنى مۇبارەك بولسۇن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر