ئەردوغان: گۈمۈشھانە بىلەن بايبۇرت ئۆزگىچە رايونغا ئايلنىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «بايبۇرت ئايرودۇرۇمى» بىلەن بىرلىكتە گۈمۈشھانە بىلەن بايبۇرتنىڭ ئۆزگىچە رايونغا ئايلنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1736392
ئەردوغان: گۈمۈشھانە بىلەن بايبۇرت ئۆزگىچە رايونغا ئايلنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئاق پارتىيە رەئىسى ۋەكىلى بىنالى يىلدىرىمنىڭ، ئاق پارتىيەنىڭ گۈمۈشھانە ۋىلايەتلىك مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا تېلېفون ئارقىلىق ئۇلىنىپ، پارتىيە مەنسۇپلىرىغا خىتاب قىلدى.

ئەردوغان خىتابىدا مۇنداق دېدى: «<بايبۇرت ئايرودۇرۇمى> بىلەن بىرلىكتە گۈمۈشھانە بىلەن بايبۇرت ئۆزگىچە رايونغا ئايلنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر