چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى  مارگارىتىس شىناس بىلەن كۆرۈشتى.

1735831
چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى  مارگارىتىس شىناس بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولدۇق، ئۇچرىشىشتا، بېلارۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونىمىزدىكى تەرتىپسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىناسنىڭ، بۈگۈن مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەنمۇ كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر