تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 229 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 229 كىشىىگە يەتتى.
1735436
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 358 مىڭ 784 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 23 مىڭ 867 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 28 مىڭ 543 كىشىگە يەتتى.
تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 118 مىليون 774 مىڭ 510 غا يەتتى.