ئاقار ھەسەنوۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1734971
ئاقار ھەسەنوۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ، ئەرمېنىيە چېگراسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىش ھەققىدە تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارغا مەلۇمات بەرگەن، ھەمدە ئەرمېنىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قەتئىي ئىرادە بىلەن تاقابىل تۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئاقار بولسا، ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا بۈگۈنمۇ تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ چېگرا رايونىدا بىر قىسىم تۆپىلىكلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، تېخىمۇ پايدىلىق نۇقتىلارغا ئېرىشىش مەقسىتىدە تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى 11: 00 دە لاچىن ۋە كەلبەجەر  يۆنىلىشىدە ھۇجۇم باشلاتقان،  ھۇجۇمدا ئىككى ئەزەربەيجان ئەسكىرى يارىلانغانىدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىمۇ ئوخشاش يۆنىلىشتە ھەربىي ھەرىكەت باشلاتقان، ھۇجۇم قوزغىغان ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى قورالسىزلاندۇرۇلۇپ، قولغا ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر