چاۋۇشئوغلۇ مولدوۋادا زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەتە مولدوۋادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1735173
چاۋۇشئوغلۇ مولدوۋادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مولدوۋا تاشقى ئىشلار ۋە ياۋروپا بىر گەۋدىلىشىش ئىشلىرى مىنىستىرى نىكو پوپېسكۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەتە كىشنېۋغا يېتىپ بارىدىغان مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ،  پوپېسكۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن سىرت يەنە، مولدوۋا پىرېزىدېنتى مايا ساندۇ، پارلامېنت باشلىقى ئىگور گروسۇ ۋە باش مىنىستىرى ناتالىيا گاۋرىلىتا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر