ئەردوغان: ياشلارنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياشلارنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتى.

1734712
ئەردوغان: ياشلارنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پايتەخت ئەنقەرەدىكى مىللەت باغچىسىدا «يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ياشلار فېستىۋالى» غا قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ياۋروپا ۋە ئاسىيا تېز قېرىشقا باشلىغان بىر پەيتتە، تۈركىيە نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ بالىلار ۋە ياشلاردىن تەركىب تېپىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياشلىرىمىزغا ئامانەت سۈپىتىدە مىراس قالدۇرىدىغان 2053 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىمىزنىڭ تۇنجى قەدىمىنى يېشىل تەرەققىياتنى كۆزلەپ تاشلىدۇق، ياشلىرىمىزنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرى، ئوي-پىكىرلىرى، يەكۈن ۋە تەكلىپلىرى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر