تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 215 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 215 كىشىىگە يەتتى.

1734349
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 215 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 350 مىڭ 933 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 22 مىڭ 852 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 25 مىڭ 258 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 118 مىليون 559 مىڭ 680 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر