چاۋۇشئوغلۇ لاتۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ لاتۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېدگارس رىنكېۋىچ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1734332
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ، بېلارۇسىيەدىكى كۆچمەنلەر كىرىزىسى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، رىنكېۋىچ، تۈركىيەنىڭ تەرتىپسىز كۆچمەنلىك توغرۇلۇق قوللىنىۋاتقان تەدبىرلىرى تۈپەيلى چاۋۇشئوغلۇغا رەھمەت ئېيتقان.