ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ 77-يىللىقى خاتىرىلەندى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنىغانلىقىنىڭ 77-يىللىقىدا، سۈرگۈندە قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلىدى.

1733852
ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ 77-يىللىقى خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى شەنتوپ تۋىتتېر ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ 77-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، سۈرگۈندە قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلىدى.

ئۇ: «تارىخقا قارا داغ بولۇپ يېزىلغان، ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ 77-يىللىقىدا، سۈرگۈندە جېنىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىزنى رەھمەت بىلەن ياد ئېتىمەن» دېدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتايمۇ ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ 77-يىللىقىنى خاتىرىلەپ، بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا: «يۈرەكلەردىكى دەرت-ھەسرەت ئارىدىن 77 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بىرىنچى كۈنىدىكىدەك يېڭى تۇرماقتا. 1944-يىلى 14-نويابىر ئۆز ۋەتىنىدىن رەھىمسىزلەرچە ھەيدىلىپ سۈرگۈن قىلىنغان ئاھىسكا تۈركلىرىنى ئۇنتۇمىدۇق، ئۇنتۇمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر